•   سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى  ھەم خۇشاللىق ھەم ناھايىتى جاپالىق خىزمەت . بۈگۈن گەرچە تۆت سائەت دەرىس ئۈتۈپ ، بىر سائەت سىنىپ يىغىنى ئېچىپ ناھايىتى چارچىغان بولساممۇ ، لىكىن يەنىلا خۇشالمەن . 
            بۈگۈن مەكتەپتە توك توختاپ قالغاچقا ياتاقتا ياتىدىغان ئۇقۇغۇچىلار شام يېقىپ ئۈگىنىش قىلدى. پۈتۈن سىنىپقا ئون نەچچە دانە شام يېقىۋېتىلگەن ، شام پۇرۇقى بۇرۇنلارنى ئېچىشتورسىمۇ ، ئەمما كىشىگە بىر خىل يېڭىچە ، ئۆزگىچە تۇيغۇ بىرىدۇ . سىنىپ ئىچى تىپتىنىچ ، مەن ئۇقۇغۇچۇلىرىم بىلەن بىرلىكتە بىردەم كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇردۇم .
             كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشكەندىن كىيىن توكمۇ كەلدى ، سىنىپمغا قارىسام مىنىڭ سىنىپمدىكى بىرقانچە ئۇقۇغۇچى بىرلىكتە بىرىلىپ ئۈگىنىش قىلىۋېتىپتۇ ، بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم كۆتۈرلۈپ قالدى .ئۇلارنىڭ بۇخىل ئۈگىنىش قىزغىنلىقى كىشىگە تارتتىۋاتقان جاپايىڭىزنىڭ زايا كەتمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇراتتى .

  • تۆۋەندىكىسى مىنىڭ بۇ مەۋسۈمدىكى سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمەت پىلانىم . تورداشلارنىڭ كۆرۈپ باھا بېرىشىنى ، تۈزىتىدىغان ، قۇشۇپ قۇيىدىغان جايلىرى بولسا كۆرسىتىپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

    1  .      ھەر ھەپتىدىكى سىنىپ يىغىنى ۋاقتى ۋە باشقا ۋاقىتلاردىن پايدىلىنپ ئۇقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ، خەلىقنى ، پارتىيىنى سۈيۈش ، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى تەربىيىسى  ئېلىپ بارىمەن . بۇنىڭدىن باشقا يەنە قانۇن - تۈزۈملەر تەربىيىسى ، ساغلاملىق تەربىيىسى ، ئىجدىمائى مۇناسىۋەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىن ياخشى يىتىلپ چىقىشى ئۈچۈن ئاساس سالىمەن  .
           2.    سىنىپ تۈزۈمى ئورنىتىش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلاردا تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشنىڭ خىزمەت ، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈزەتچىلىك ، شۇنداقلا تۈرتكىلىك رولى بارلىقىنى تۇنۇتۇپ ، تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئاساس ، ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇشنى قۇشۇمچە قىلىش ئارقىلىق ، ئوقۇغۇچىلاردا يىڭى بىر خىل ئەخلاق – تۈزۈم قارىشىنى تىكلەيمەن .

  • 1. مەكتەپ قىرائەتخانىسىغىلا كىرىۋالماڭ.سىزنىڭ ئىلمى ئۈنۋانىڭىز ۋە يۇقۇرى بولغان ئوتتۇرىچە نۇمۇرىڭىز (  GPA ) بولغان تەقدىردىمۇ  كەلگۈسىدىكى خىزمتىڭىز ئۈچۈن تەييارلىقلىرىڭىزنى پۈتكۈزگەن بۇلىشىڭىزناتايىن . ئالى مەكتەپتىكى توت يىللىق ئۇقۇش ھاياتىڭىزدا ئېرىشىدىغىنىڭىز بەقەت يۇقۇرى نۇمۇرلارلا ئەمەس بەلكى مول بولغان ھاياتلىق تەجىربىلىرى بۇلىشى كېرەك .

    2. ياتىقىڭىزدا تۇرۇپ سودا قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ . بۇنىڭغا كىتىدىغان چىقىممۇ ئاز ، ئەگەر ياخشى توربەتلەرنى لاھىيەلىسىڭىز گوگىل ، ياخۇ تور بىكەتلىرى تالىشىپ سېتىۋالىدۇ . بۇ ئەلىۋەتتە ئاشخانىلاردا قاچا يۇيغاندىن ياخشىراق . كىچىچە توردا قارتا ئوينايدىغانلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، توردا تىكىشىپ قەرت ئويناش بولسا قىممار ، ھەرگىزمۇ سودا ئەمەس ، قىممار ئادەمنى خۇمار قىلىدۇ .

  •         بىلوگ بىلدۈرگىسى   ( بىلوگنى ئولانمىغا قۇشۇۋېلىڭ )
             ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!
             سەيياھ بىلوگى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغاچە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بىلوگ ئەسەرلىرىنى رەڭدار ، سەرخىل ۋە سۈپەتلىك بۇلىشى ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدىم .بىلوگدىكى ئەسەرلەر ئاساسلىقى مائارىپقا - ئۇقۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ، ئىنگىلىزتىلىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ، چەرچەن ناھىيسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار  ، مەرھوم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى ،  ئۆزۈمنىڭ بىر قىسىم تەرجىمە ئەسەرلىرىم  ۋە  شەخسى خاتىرلىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
             بۇنىڭدىن كىيىن بىلوگ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ  ، قاراتمىلقىنى كۆچەيتىپ ، مەزمۇنلۇق تېخىمۇ ياخشى بولغان ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن تىرىشمەن .
            ھەرقايسى بىلوگگىرلار ۋە تور ئەھلىنىڭ ئۆزئارا  زىيارەت قىلىش ، پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا تېخىمۇ قۇلاي بۇلۇشى ئۈچۈن  سەيياھ بىلوگىنى ئولانما قىلىۋېلىشىنى تەكلىپ بىرىمەن . 
           بىلوگ نامى : سەيياھ بىلوگى           游客博客         Seyyah Blog

           سەيياھ بىلوگىنىڭ ئادىرىسى :
     

    سۈرئەتلىك ئۇلىنىش ئادىرىسى :

    http://filer.blogbus.com/4774393/477439312751141827.gif

  • تەبەسسۇم – ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ قەلىمىدە پەلسەپەۋى ئىبارىلەر بىلەن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى .  مەنمۇ ئۇ ئەسەرنى ئەپلەپ -  سەپلەپلا ئۇقۇغان ، تەبەسسۇم بىز ئۈچۈن ئانچە ناتۇنۇش  بولمىسا كېرەك .   مونالىزانىڭ تەبەسسۇمى دەل فىلىمدىكى كەسىرىننىڭ تەبەسسۇمى . گەرچە تىلى پۈتۈنلەي ئىنگىلىز تىلىدىكى بۇ فىلىمنى يۈزدە يۈز چۈشەنمىسەممۇ ، لىكىن ئاساساى مەزمۇنىنى چۈشەندىم ، ھېس قىلدىم .
            مەن بۇ فىلىمنى مىنىڭ ئۇقۇتۇش ئىشلىرىمغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تىگىپ قالارمىكىن دىگەن نىيەتتە كۆرگەنىدىم ، ئەپسۇس كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۆرىنىشلەر ئاز ئىكەن .ئويلىغىنىمدەك نادىر فىلىممۇ ئەمەسكەن .شۇنداقتىمۇ فىلىمدە يەنە بىر قىسىم كىشىنى ئويغا سالىدىغان كۆرىنىشلەرمۇ بار .فىلىمدىكى ئۇقۇغۇچىلار بىزنىڭ رىئاللىقتىكى ئۇقۇغۇچىلارغا قارىغاندا تىرىشچان ، جۈرئەتلىك ئىكەن

  • مەن ئۇقۇتقۇچى بولغان بىر يىلدىن بۇيان ئۈزۈمنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىققا خېلى ماسلىشىپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالدىم . دەسلەپكى تەجىربىسىزلىكلەردىن ، داۋاملىق ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئالماشتۇرۇشتىن ، ئۇقۇغۇچىلارغا بولغان كونتىرولسىزلىقتىن تەدرىجى ئىزىغا چۈشۈش ، مۇقىملىنىش باسقۇچىغا قاراپ ماڭدىم . ئۇقۇتۇشتىكى مەقسىتىممۇ ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى . ئۇقۇتقۇچى بۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئۇقۇتۇش ھەققىدىكى « بىلىمنىلا ئۈگىتىشنى قوللىماسلىق » خىيالىممۇ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە ، چوڭقۇرلىشىشقا ، دائىرىسىمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى . مەن ھازىرقى  ئۇقۇتۇش(دەرىس ئۈتۈش )  مەقسىتىنى ھېچكىمگە تۇلۇق دەپ باقمىغان ، توغرىسى دىيىشكە پېتىنالمىغان ، چۈنكى باشقا ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئۇقۇتۇشنى چۈشەنمەسلىكىنى ، مىنى مەسخىرە قىلىشىدىن قورققان . ئەلىۋەتتە ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىنى باشقىلارغا دىگىلى ، چۈشۈندۇرگىلى   بۇلىدۇ ، ئەممە قوللىنىش ئۇنچە ئوڭاي ئىش ئەمەس .

  •   2010- يىلى ، بىر 33 ياشلىق بىئولوگىيە ئالىمى پىدائىيلىق بىلەن ئۆزىنى باشقا ئالىملارنىڭ ياردىمى بىلەن توڭلىتىپتۇ  ، توڭلىتىشتىن بۇرۇن  ئۇ كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە توڭلىتىلغان ۋاقتىنى خاتىرلەپ ، مەلۇم بىر جايغا ئۆزىنىڭ توڭلىتىلغان تىنى بىلەن بىريەرگە قۇيۇپ قۇيۇشنى ، كەلگۈسىدە پەن- تېخنىكىنىڭ قۇدىرىتى يەتكەن ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزىنىڭ تىنىنى ئىرىتىشنى ئېيتىپتۇ . ئالىملار بۇ ياش يىگىتنىڭ  تىنىنى يۇقۇرى تېخنىكىلار ئارقىلىق   توڭلىتىپ ئاسان ئىرىپ كەتمەيدىغان ، بىر بىخەتەر جايدا ساقلاپتۇ .

                2500-يىلى . ئارىدىن 500يىل ئۆتكەن ۋاقىت .  ئالىملار دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگىدەك بىر خەۋەرنى ئېلان قىلىشىپتۇ .< بۇندىن 500 يىل بۇرۇنقى ئەجدادىمىز قايتا ھاياتلىققا ئىرىشتى .   > ھەقىقەتەن بۇخەۋەر پۈتۈن دۇنيانى تەۋرىتىۋېتىپتۇ .

  • بىز تىلۋۇزۇردىنلا كۆرەلەيدىغان« دۇنيا ھەپتىلىكى »، « مۇنبەت تۇپراق»  ،  « كۆڭىلدىكى سۆز  » ، «  ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار » ،«  مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلىقئارا خەۋەرلەر»  ،  «دۇنيادىكى ئىشلار  » .........قاتارلىق پىروگىراممىلارنى تەڭرىتاغ تورىدىن كۆرگىلى بۇلىدىكەن . تەڭرىتاغ تورىغا كىرگەندىن كىيىن تەڭرىتاغ ئىكرانى دىگەن جايدىن كىرسىڭىز بۇلىدۇ . كۆرمەكچى بولغان پىروگىراممىنى ئاچقاندىن كىيىن 10 سىكونتلۇق ئىلاندىن كىيىن باشلىنىدۇ .

    تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئادىرسى :

  • چەرچەن ناھىيىسى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستى تەۋەلىكىدە بۇلۇپ ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا ، كوئىنلۇن ، قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، شەرىقتە چاقىلىق ناھىيىسى بىلەن چىگرىداش ، غەرىپتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيىسى بىلەن چىگرىداش ،جەنۇپتا  قاراقۇرۇم تېغى ۋە  شىزاڭ  بىلەن تۇتىشىدۇ . شىمالى تەرىپى تەكلىماكان قۇملىقى ئىچىگە سۇزۇلۇپ كىرىپ كەتكەن بۇلۇپ  ، لوپنۇر ناھىيىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ .  ئۇمۇمى كۆلىمى 140250كىۋادىرات كىلومىتىر بۇلۇپ ، پۇتۈن مەملىكەت بۇيىچە يەر كۆلىمى بۇيىچە ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ . % 44.42 تى تاغلىق رايۇن ، %38.37 تى قۇملۇق ، %  17.21تى تۈزلاڭلىك  .   315 -دولەت يۇلى ۋە  قۇملۇق تاشيۇلى ناھىيە ئىچىنى  كىسىپ ئۆتىدۇ  . 

باشقۇرۇشقا كىرىش